|
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى ، فوتوسى: 11–بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلار ئورۇندىغان قاتناش مۇقىم مەبلىغى 1مىليارد 466 مىليون يۈەنگە، ياسالغان تاشيول 2562 كىلومېتىرغا ، ياسالغان يولۇچى توشۇش بېكىتى 32 گە يېتىپ ، 32 يېزا ، بازار ، 243 كەنتنىڭ يوللىرى يېڭىدىن ياسالدى.

چاپچال ناھىسىدىن غۇلجا شەھەرگە كىرىدىغان تاشيول
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى ، فوتوسى: بۇ يىل كۈز كىرگەندىن بېرى ، غۇلجا شەھىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈپ ، تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈلمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى ، فوتوسى: بۇ يىل غۇلجا شەھەردىكى دېھقانلار ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، 108مىڭ مو يەردىكى كۆممىقوناقتىن ئومۇميۈزلۈك ھوسۇل ئالدى. سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىغان كۆممىقوناقلارنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 1000 كىلوگرامغا يەتتى.

بايانداي بازىرىدىكى دېھقانلار قوناقلىرىنى بازارغا تەييارلىماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى: مارالبېشى ناھىيىسى ‹‹1–ئۆكتەبر›› دۆلەت بايرىمى ۋە روزا ھېيت ھارپىسىدا ، 60 مىڭ تەشتەكتىن ئارتۇق ھەر خىل گۈللەرنى ناھىيە بازىرىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرى ، مەنزىرە رايونلىرىغا تىزىپ ، قويۇق بولغان بايرام كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دۆلەت بايرىمى ۋە روزا ھېيتىنى خۇشال–خورام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى.


25–سىنتەبر، ناھىيىلىك شەھەر، يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ كۆكەرتىش ئەترىتىدىكى خادىملار ناھىيە بازىرىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىغا گۈل تىزماقتا
|