باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
لى يى ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
2008- 09- 25 11:54 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى 18 – سېنتەبردىن 24 – سېنتەبرگىچە ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ  تەتقىق قىلغاندا، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىدىيىۋى تەشۋىقات سېپىدىكىلەر ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيىۋى خىزمەت ئاساسىنى پۇختا سېلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

    لى يى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ چىڭگىل، بۇرچىن، قابا، جىمنەي قاتارلىق ناھىيە ۋە تارغاباتاي ۋىلايىتى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم يېزا – بازار، مەھەللە، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئورۇنلىرى ۋە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ساياھەت، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرۈشى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەمدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

    لى يى مۇنداق دېدى: ‹‹ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىدىيىۋى تەشۋىقات تارماقلىرى، بۇ يىل قىشتا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ قانات يايدۇرىلىدىغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىدە‹‹ تۆت بىلەن بىرلەشتۈرۈش›› خىزمىتىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. يەنى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىق شانلىق نەتىجىلىرى، ماركىسىزىملىق ‹‹بەش خىل قاراش›› تەربىيىسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، نۆۋەتتىكى كەسكىن بولغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ۋە چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەت كۈرەش قىلىشتەك ئىدىيىۋى خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.››

     لى يى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:‹‹بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيىۋى تونۇشنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم فاڭجىن – سىياسەتلىرگە مەركەزلەشتۈرۈش؛ ئۆز رايون، تارمىقىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، كادىر، ئاممىنىڭ ئىدىيىۋى تونۇش قاتلىمىدىكى مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، خىزمەتتىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛ يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مەزمۇنى، شەكلى، ۋاستىسى ۋە ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرۈشى تەشۋىقاتى ئومۇمىي جېڭىنى ياخشى قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرۈشى تەشۋىق – تەربىيىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش لازىم.››

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ