باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى
2008- 09- 25 11:12 شىنجاڭ گېزىتى

   قاغىلىق ناھىيىسىدە: قاغىلىق ناھىيىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا‹‹ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى.

   قاغىلىق بازىرى 5 – مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئايتۇرا توختى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىككى قىزىم ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانىدى، ئائىلە قىيىنچىلىقىمىز ئېغىر بولغانلىقتىن، ئوقۇش پۇلىدىن غەم قىلغانىدىم، بەختىمىزگە ناھىيە  ئىككى قىزىمغا 3500يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىپ، بىزنى بۇ غەمدىن خالاس قىلدى.

   ناھىيىلىك  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 46 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا 1000يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرسلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى. نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى 38 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتكەن 25 ئوقۇغۇچىغا 1500يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى.

   قۇمۇل شەھىرىدە: قۇمۇل شەھىرىدە بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 140 ئوقۇغۇچى ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى.

   قۇمۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدار تارماقلارنى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئىدىيە، ئەخلاق ۋە ئۆگىنىشتە ياخشى، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاشنى ئورۇنلاشتۇردى، ھەم ۋىلايەتنىڭ ‹‹قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ستۇدېنتلارغا ياردەم بېرىش ۋاقىتلىق چارىسى››دىكى بەلگىلىمىگە ئويغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسىپلىرىگە قوبۇل قىلىنغان ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 140 ئوقۇغۇچىغا 4000 يۈەن، 3500 يۈەن ۋە 2500 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى.

   ئىگىلىنىشىچە، قۇمۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 300 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىغا 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇش ياردەم پۇلى بەرگەن.

   كەلپىن ناھىيىسىدە: كەلپىن ناھىيىسى 578 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر337 ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئارزۇسىنى قاندۇردى.
ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن  ئايشەم قاسىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغان بولساممۇ، ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن، ئوقۇش خىراجىتىدىن غەم قىلغانىدىم، ناھىيە رەھبەرلىرى 4000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىپ، مېنى بۇ غەمدىن خالاس قىلدى.

   بۇ ناھىيە 2004 – يىلىدىن بۇيان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 172 ستۇدېنتقا 500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى. ناھىيىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئاجرىتىشى بىلەن ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 100 گە يېقىن ستۇدېنت ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ