|
شايار ناھىيىسى بۇ يىل يېزا – بازار، كەنتلەردىكى ۋەزىپىسىز پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتتى.
بۇ ناھىيىنىڭ يېزا – بازار، كەنتلىرىدە 4500 دىن ئارتۇق ۋەزىپىسىز پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ناھىيىدىكى ئومۇمىي پارتىيە ئەزاسىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئامما بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئەڭ كۆپ، مۇناسىۋىتىمۇ ئەڭ قويۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيە پارتىيە ئەزالىرىنى زامانىۋى تەربىيىلەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەربىيىلىگەن بولسىمۇ، سىستېمىلىق ئۆگىنىش كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلماي، پارتىيىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازىغا مەلۇم دەرىجىدە نۇقسان يەتكەنىدى.
بۇ ئەھۋالغا قارىتا، ناھىيە 8 – ئايغىچە 18 قارار كۇرس ئېچىپ، 2000 دىن ئارتۇق ۋەزىپىسىز پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، يېزا ئىگىلىكىدە ئەمەلىي قوللىنىدىغان تېخنىكا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا سىستېمىلىق تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى.
|