باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى يوچۇقلار ئېتىلدى
2008- 09- 25 11:03 شىنجاڭ گېزىتى

   ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا، بۇ يىل  يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ تىجارىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى.

   ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار بويىچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 34 مىڭ 171 ئورۇن تەكشۈرۈلۈپ، تىجارەت ئىجازەتنامىسى يوق 26 ئورۇننىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىپ، 450 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى. ئاممىنىڭ 421 پارچە يېمەكلىك سۈپىتىگە ئائىت ئەرزى قوبۇل قىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ 320 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي زىيىنى تۆلىتىپ بېرىلدى. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە خىلاپ مەسىلىلەرگە 1157 پارچە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، بۇ دېلولارنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىندى. كۈنەس ناھىيىسى يېمەكلىك پىششىقلاش، سېتىش ئورۇنلىرىنى  ئۆلچەمگە يەتكۈزگەچكە، دۆلەت دەرىجىلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى ‹‹ئۈلگە ناھىيە›› بولۇپ باھالاندى. ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردا 9 – ئايغا قەدەر، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى ئۈلگە ئورۇنلاردىن 166 سى بارلىققا كەلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ