|
قاراشەھەر ناھىيىسى ‹‹بەشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش›› يەنى دۆلەت بايرىقى، لوزۇنكا تەشۋىقاتىنى، پارتىيە گېزىت – ژۇرناللىرىنى، رادىئو كانىيى، ئەدەبىيات – سەنئەتنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.
بۇ ناھىيە ‹‹بەشنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش›› بىلەن بىللە، كەنتلەرنى بىرلىك قىلىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش، كەنت، مەھەللىلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بېيىش ماھىرلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، يۇقىرىنىڭ ھۆججىتىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش، قانۇن – نىزاملارنى ئۆگىنىش، ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىش، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، كەنتلەرنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ بىلەن ھازىر، يېزا، كەنتلەردە مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلار كۆپىيىپ، بىكارچىلار ئازايدى، ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىيدىغانلار كۆپەيدى.
|