باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
تۇمشۇق شەھىرى بىلەن تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى قول بېرىشتى
2008- 09- 25 10:59 شىنجاڭ گېزىتى

   يېزا ئىگىلىك 3 –  شىسىنىڭ تۇمشۇق شەھىرى مەسئۇللىرى بىلەن تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى مەسئۇللىرى يېقىندا ‹‹يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش››، ‹‹خاس باغۋەنچىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا››، ‹‹يۇقىرى ئۈنۈملۈك باقمىچىلىق تېخنىكىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىشنى كېڭەيتىش بىلەن پىششىقلاش تېخنىكىسى››، ‹‹سويۇقلاندۇرۇلغان ئوغۇتتىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش بىلەن تۇپراقنى ياخشىلاش تېخنىكىسى››، ‹‹زامانىۋى پەن – تېخنىكا بىلەن دېھقانچىلىق، باغ – ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش››، ‹‹يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن پىششىقلاش تېخنىكىسى››، ‹‹يېزا ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى››، ‹‹ئالاھىدە جانلىقلار مەنبەسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش››، ‹‹كەسپىي تېخنىكىدا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشچىلىرىنىڭ پەن – تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈش›› قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ھەمكارلىشىش  كېلىشىمى ئىمزالىدى.

   كېلىشىمگە ئاساسەن، تارىم ئۇنۋېرسىتېتى تۇمشۇق شەھىرىنى پەن – تېخنىكا مۇلازىمىتى ھەم ئىختىساسلىق خادىملار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ، تۇمشۇق شەھىرى تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنى پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش بازىسى ۋە پراكتىكا بازىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ‹‹يېڭى نەشپۈت 7 –  نومۇر›› قاتارلىق پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتىدا كېڭەيتىلگەن، يەنە ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مېۋىلىك كۆچەت ئۇرۇق مەنبەسى تەتقىقاتى››، ‹‹تارىم ئويمانلىقى جانلىقلار مەنبەسى تەتقىقاتى››، ‹‹توغراق ئېكولوگىيىسى تەتقىقاتى›› ۋە ‹‹ئۇزۇن تالالىق پاختا سورتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئېلىش نەزەرىيىسى بىلەن پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى›› قاتارلىق رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە تەتقىقاتلارنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تۈرلەردە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ