|
24 – سېنتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 23 – سېنتەبىر چۈشكە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن بالىلار 25مىڭ 621 بولۇپ، ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكى ئىستېمال قىلغانلىقتىن، سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان بالىلار 1253كە يەتكەن. ھازىرغىچە، دوختۇرخانىدا داۋالانغان 13 بالىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان. مۇشۇ ئاينىڭ 22 – كۈنى كەچتە، دۆلەت سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تېببىي داۋالاش – قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلىرى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، بۈگۈر ناھىيىسىدىن ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن، ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكى ئىستېمال قىلغانلىقتىن سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان يەتتە ئايلىق بىر بوۋاقنى ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالىغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېببىي داۋالاش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە مۇشۇ ئاساستا ‹‹تەركىبىدە مىنامىن بولغان بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىپ، سۈيدۈك يولى سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان بالىلارنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ››نى تۈزۈپ چىقىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تېببىي داۋالاش ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتكەن.
|