|
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇنلار خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىندا ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى رەپقەت نۇر راخمان قەشقەر ۋىلايەتلىك يېمەك-ئىچمە ، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، سەھىيە ئىدارىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، چارۋىچىلىق ، مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- ، 2- خەلق دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيە ۋە كېسەلخانىلىرىغا بېرىپ ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىپ ، سۈيدۈك سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان ھەمدە گۇمانلىق دەپ تەكشۈرلۈۋاتقان بوۋاقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى يوقلاپ ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە داۋالاش ئاپراتلىرىنىڭ ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىپ ، سۈيدۈك سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان بوۋاقلارنى قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش، داۋالاش خىزمىتىنى نۆۋەتتىكى موھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ، بالدۇر بايقاپ ، بالدۇر دىئاگىنوز قويۇپ ، بالدۇر داۋالاپ ، داۋالاشنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار-بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان سۈت پاراشوكى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يېمەك-ئىچمەك ، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گورۇپپىسى قۇرۇپ، ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكى بازارلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە سۈت پارراشوكى بازارلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ئىگىلىنىشىچە ، 9-ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق سۈت پاراشوكى سەۋەپلىك سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولغان دەپ گۇمانلانغان بالىلاردىن 851 بايقالغان بولۇپ ، بۇلاردىن 131 نەپىرىگە رەسمىي دىئاگنوز قويۇلغان ، 46 بالا بالنىستقا ئېلىنغان ھەمدە 4 بالا داۋالىنىپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان بولۇپ ، ھازىرغىچە ، بۇ سەۋەپلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان بالا يوق .


سۈرەتتە : ۋىلايەت رەھبەرلىرى بالنىستدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بالىلاردىن ھال سورماقتا

|