باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
قەشقەرنىڭ يېڭى كارتىنىسى
2008- 09- 25 09:59 شىنجاڭ گېزىتى

   ئالتۇن كۈز مەمۇرچىلىققا تولغان قەشقەرنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان مەزگىلى. بىراق، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن دېھقانلار،  قەشقەرنىڭ قەدىمىي شەھەر مەدەنىيىتى، ساياھىتى، سودا – سېتىق ئىشلىرى،  شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان مەبلەغ سېلىش شارائىتى، ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇلۇۋاتقان سانائەت  رايونلىرى قەشقەرنىڭ  جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، قەشقەرنى قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىر گەۋدىلەشكەن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئوبوروت مەركىزىگە ئايلاندۇردى.

   11 – سېنتەبىر مەن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىدىن كۆلەملىشىۋاتقان سانائەت  رايونلىرىدا مەخسۇس زىيارەتتە بولدۇم. بۇ يەردىكى زور ئۆزگىرىشلەر قەشقەرنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىغا مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە رام قىلىۋالدى. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىگە جايلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭ ‹‹چىلۇ›› سانائەت  رايونى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ياردىمىدە 2006 –  يىلى 3 –  ئايدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئۇ يەردە مەن بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن كەلگەن سىچۈەن ‹‹خېسېن›› سۇ ئېلېكتر چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن خاۋ بىلەن  ئۇچرىشىپ قالدىم. 

    قەشقەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن،  دېدى ئۇ،– بۇ يەردە خام ئەشيا زاپىسى مول بولۇپلا قالماي، رەھبەرلەرنىڭ تەپەككۇرىمۇ ئىلغار ئىكەن. بىز ‹‹چىلۇ›› سانائەت باغچىسىنىڭ ئەشيا ئوبوروت رايونىدىن 340 مو يەر سېتىۋالدۇق. بۇ يەرگە  566 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2 مىليون توننا كېلىدىغان ‹‹ قەشقەر يېڭىشەھەر شىنسېڭ سېمونت زاۋۇتى›› قۇرماقچى، 10 –  ئاينىڭ 18 – كۈنى زاۋۇتنىڭ ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

   مەن جەنۇبىي شىنجاڭ ‹‹چىلۇ›› سانائەت رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەسقەر تۇراقنىڭ ھەمراھلىقىدا ‹‹چىلۇ›› سانائەت رايونىدىكى بىر قانچە كارخانىنى زىيارەت قىلدىم.

    بۇ يىلقى قەشقەر يەرمەنكىسىدىن بۇيان، سانائەت رايونىمىزغا يەنە بەش كارخانا ماكانلاشتى، دېدى ئەسقەر تۇراق،تېخى تۈنۈگۈنلا بىر ياغاچ ماتېرىياللىرى پىششىقلاش كارخانىسى سانائەت رايونىدا زاۋۇت قۇرۇشنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بېجىردى. بىز سانائەت رايونىغا كارخانىلارنى جەلپ قىلىشتا ئالدى بىلەن مەبلەغ سېلىش شارائىتىنى ياخشىلىدۇق، يۇقىرى ئۆلچەمدە پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيىدە قۇرۇلۇش قىلىپ، 60 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، سانائەت رايونىنىڭ يول قۇرۇلۇشى، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈردۇق. 100 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى يەرنى كۆكەرتتۇق، سۇ، توك، گاز بىلەن تەمىنلەش شارائىتىنى ياخشىلىدۇق. ھەرقايسى يەرمەنكىلەردە خېرىدار چاقىرىش، كارخانا ئارقىلىق كارخانا جەلپ قىلىش تەدبىرلىرى بىلەن، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتتۇق. نەتىجىدە، ھازىرغىچە سانائەت رايونىمىزغا ماكانلاشماقچى بولغان كارخانا 100دىن ئاشتى، 75 كارخانا قۇرۇلۇشنى باشلاپ، 41 كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. سانائەت رايونىمىزدا زاۋۇت قۇرغان كارخانىلار ئىچىدە مەملىكەت بويىچە ‹‹500 كۈچلۈك كارخانا›› قاتارىغا كىرگەن كارخانىدىن ئىككىسى بار. ‹‹جۇڭلياڭ گۇرۇھى›› مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ‹‹تۇنخې›› مېۋىچىلىك كارخانىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھازىر ياۋروپا، ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتىدۇ. پەقەت بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا 14 كارخانا بۇ يەرگە ماكانلاشتى. بۇ يەرگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قەشقەرنىڭ، جۈملىدىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ سانائەت ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، دېھقانلار ئىشلەپ چىقارغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىمۇ  بازار تېپىپ، سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى يېتەكلەش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ.

   مەبلەغ سېلىش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى قەشقەرنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردى. قەشقەر شەھىرىگە جايلاشقان ‹‹قەشقەر ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت رايونى›› قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ئىقتىساد چەمبىرىكىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى تىكلەش؛ قەشقەرنى غەربتىن كىرگۈزۈپ، شەرقنى تەمىنلەشتىكى تاۋار ئوبوروت مەركىزى، شەرق بىلەن بىرلىشىپ، غەربكە چىقىرىشتىكى تاۋار ئېكسپورت قىلىش، قۇراشتۇرۇش، پىششىقلاش بازىسى ۋە ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، سودا مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە قۇرۇلغان سانائەت رايونى ئىكەن.

    بۇ يىل 8 – ئايغىچە بىز 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، سانائەت رايونىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشىلىدۇق،دېدى قەشقەر ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت  رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇن بىلىگىن، ھازىرغىچە 28 چوڭ، ئوتتۇرا  كارخانا سانائەت رايونىمىزغا ماكانلاشتى، بۇلارنىڭ توختاملاشقان مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 413 مىليون يۈەن بولۇپ، 21 كارخانا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ بولدى.

   قەشقەر ‹‹گۈزەل دىيار›› يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال ئېچىش چەكلىك شىركىتى 2007 –  يىلى 6 – ئايدا  170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت  رايونىدا 30 مىڭ توننىلىق يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى، 10 مىڭ توننىلىق توڭلىتىش ئىسكىلاتى ۋە 6000 كۋادرات مېتىرلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ‹‹ئېلېكترونلۇق سودا  زالى›› قۇرغان ئىكەن. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى تۇرغۇن ئابلىز ماڭا مۇنداق دېدى:

    قەشقەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە مەبلەغ سېلىش شارائىتى ياخشى، بۇ يەردە سودا پۇرسىتى زور. بىز 8 –  سېنتەبىر يېڭىدىن 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ،  89 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى 20 قەۋەتلىك تاللا بازىرى بىلەن ئولتۇراق رايون بىر گەۋدىلەشكەن ‹‹قەشقەر مال سېتىۋېلىش مەيدانى›› قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىدۇق.

   قەشقەر پاكىستان، ئافغانىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. قەشقەرنىڭ ‹‹بەش چوڭ چېگرا پورتى ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان››لىقىدەك رايون ئالاھىدىلىكى ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ئوبوروت مەركىزىلىك ئورنىنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەن. بولۇپمۇ، قەشقەر ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىنىڭ  ئۇدا بىرنەچچە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە قەشقەرنىڭ ئۇدا ئۆمەك تەشكىللەپ پاكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن تاۋار يەرمەنكىلىرىگە قاتنىشىشى  قەشقەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى نوپۇزىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىچى – سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ قەشقەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

   قەشقەر ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۈلشەن ئەيسا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش نەتىجىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى:
 بۇ يىل 1 – ئايدىن 7 – ئايغىچە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىدە 203 تۈر ئەمەلىيلىشىپ، نەقلەشكەن سومما 4 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹جۇڭجى گۇرۇھى›› 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەردە ‹‹يىيۈەن›› مېۋىچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتى قۇرۇپ، قەشقەر شەھىرى، مەكىت، قاغىلىق ناھىيىلىرىدە زاۋۇت قۇردى، ھازىر بۇ زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ