|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. مەركەز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 21 – سېنتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىن باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ پۈتۈن پارتىيىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبەرلەر كۇرسىدا قىلغان سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم يېتەكچى ھۆججەت. ‹‹سۆز››دە پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنىڭ يۈكسەكلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە تەخىرسىزلىكى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، پۈتۈن پارتىيىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئېنىق تەلەپ قويۇلدى. ‹‹سۆز››نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن پارتىيىدىكىلەرنى پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغ پىلان ۋە ھەرىكەت پروگراممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق تەكىتلەندى: ‹‹سۆز››نىڭ مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، ‹‹سۆز››نى ئۆگىنىشنى 17 – قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتى، ‹‹ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىننىڭ ئىلمىي تەرەققىيات توغرىسىدىكى بايانلىرى››، ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا ئائىت مۇھىم بايانلاردىن ئۈزۈندە››، ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىدىغان ھۆججەتلەردىن تاللانما››نى ئۆگىنىشكە بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ھەم باشلامچىلىق بىلەن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە باشلامچىلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن تەھلىل قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار شۇنىڭدەك ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر بېكىتكەن نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر، ناھىيە، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى›› ۋە ‹‹ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى 1 – تۈركۈمدە قانات يايدۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹سۆز››نىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيىدە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيىدە مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەقىقىي بىرلىككە كېلىشى؛ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، ئاساسىي پرىنسىپى ۋە نىشان – تەلەپلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنى چەكلەيدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشى؛ ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىدە ھەقىقىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك. 2 – ، 3 – تۈركۈمدىكى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
|