|
جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى يېقىندا بىر ئوقۇغۇچىغا شوتلاندىيە خان جەمەتى بانكىسىنىڭ ھېساباتىنى ئېچىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە بۇ خىل كەسىپ تۈرى يوق بولۇشتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى.
ئەنگلىيىگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقوغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، جۇڭگو بانكىسى ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تارماق ئاپپاراتلىرى ۋە ئەنئەنىۋى تاشقى پېرېۋوت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شوتلاندىيە خان جەمەتى بانكىسى ھەم جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئەنگىلىيە چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، شوتلاندىيە خان جەمەتى بانكىسى ئوقۇغۇچىلار ھېساباتى ۋە جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئەنگلىيە چەكلىك شىركىتى ‹‹ئالتۇن ياشلىق›› ھېساباتىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى.
چەت ئەلدىكى تارماق بانكا ھېساباتىنى ۋاكالىتەن ئېچىش گۇۋاھلىق كەسپى جۇڭگو بانكىسىنىڭ مەخسۇس چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان جۇڭگولۇق ئوقوغۇچىلارنى دۆلەت ئىچىدە ئالدىن چەت ئەل بانكىسىنىڭ ھېسابات نومۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەم شۇنىڭغا مۇناسىپ چەت ئەل بانكىسى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدىغان كەسىپتىن ئىبارەت.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈردىكى مۇلازىمەت ئەنگلىيىگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئەنگلىيە بانكىسىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى بېجىرىش رەسمىيىتىنى پۈتتۈرىشىگە ياردەم بەرگەندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېگرىدىن چىقىش ئالدىدا ھېساباتىغا 10 مىڭدىن 30 مىڭ فوندستېرلىڭغىچە پېرېۋوت كىرگۈزگىلى بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپەر جەريانىدا كۆپ مىقداردا نەق پۇل ئېلىپ يۈرۈشى ھاجەتسىز ئىكەن. ئۇلار ئەنگلىيىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن پاسپورت ياكى مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى شوتلاندىيە خان جەمەتى بانكىسى ياكى جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئەنگلىيە چەكلىك شىركىتى بېكىتكەن تور نۇقتىسىغا ئېلىپ بېرىپ پۇل چىكى ۋە بانكا كارتىسىنى ئېلىپ، ئەنگلىيىدىكى تۇرۇشلۇق ئورنىغا خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ئىشلەتسە بولىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى ئەنگلىيىگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقوغۇچىلارنى ‹‹خەنزۇچە – ئېنگلىزچە تۇرمۇش قىززىق لىنىيىسى›› قاتارلىق كۆپ خىل قوشۇمچە مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئەنگلىيىگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەنگلىيىدىكى ئۆگىنىش مەزگىلىدىكى بانكا پۇل مۇئامىلىسى ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىكى قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
|