|
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى 23 – سېنتەبىر كەچتە تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى خاككى كۆيلۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئەركىن ئىمىرباقى خاككى كۆيلۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر، بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بويان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ھەرقايسى ساھەلەردە ھەمكارلىق ۋە ئالاقە كۈنسېرى كۆپەيدى. تۈركىيە بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سودا – ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ ئالاقىسى بار، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو، تۈركىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشنى خالايمىز. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارەت ئارقىلىق، شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
خاككى كۆيلۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە ھەم ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشىغا ئىشىنىمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جى، باش كاتىپ نىشان ئىبراھىم كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
|