|
23 – سېنتەبر چۈشتىن بۇرۇن، باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر چەكلىك شىركىتى بىلەن شەندۇڭ رىجاۋ پورتى چەكلىك پاي شىركىتى تۆمۈر رودىسىنى يۆتكەپ توشۇش، يەتكۈزۈش توغرىسىدا ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ يەنە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، پېيىنى بازارغا سېلىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، تىجارەت باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىشىدىغان بولدى.
شەندۇڭ رىجاۋ پورتى— دۆلەت نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تۈگۈن خاراكتېرلىك پورت بولۇپ، ئىككى چوڭ پورت رايونى، 36 توختىتىش ئورنىغا ئىگە. بۇ يىل، رىجاۋ پورتىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 150 مىليون توننىغا يېتىشى مۇمكىن. باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر چەكلىك شىركىتى بۇ يىل چەتئەللەردىن 2 مىليون توننا تۆمۈر رودىسى ئىمپورت قىلغان بولۇپ، رىجاۋ پورتى ئۇلارنىڭ تۆمۈر رودىسى ئىمپورت قىلىشىدىكى ئاساسلىق پورت ھىساپلىنىدۇ. باۋشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھى 1 – ئاۋغۇست پولات – تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق پولات – تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5 مىليون 300 مىڭ توننىغا يېتىپ، كېلەر يىلى 7 مىليون توننىدىن ئېشىشى؛ تۆمۈر رودىسىنى ئىمپورت قىلىش مىقدارى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خۇ ۋىي، ۋاڭ يۇڭمىڭلار ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
|