باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
توقسۇدىكى يەرلىرىنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرغان دېھقانلار تولۇقلىمىغا ئېرىشتى
2008- 09- 24 16:20 شىنجاڭ گېزىتى

    توقسۇ ناھىيىسىدىكىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتقانلىقتىن، ھازىرغىچە تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان كۆلەم 300 مىڭ موغا، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگەن كۆلەم 57 مىڭ موغا، ئېكولوگىيىلىك ئورمان 100 مىڭ موغا يەتتى.

   تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى يىلدىن – يىلغا كۆپەيدى. تامتوغراق يېزىسىنىڭ قارادۆڭ كەنتىدىكى ياڭ گۇاڭخۇينىڭ 200 مو تېرىلغۇ يېرى بار ئىدى. تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى يىلىدىن تارتىپ، ئۇ يەرلىرىگە ياڭاق ۋە چىلان دەرەخلەرنى تىككەنىدى. بۇ يىل ئۇنىڭ 140 مو يېرى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھەر مو بېغىغا 160 يۈەندىن 22 مىڭ 400 يۈەن ئاشلىق تولۇقلىما پۇلى بېرىلدى. ئىگىلىنىشىچە، توقسۇ ناھىيىسى بۇ يىل تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا دۆلەتنىڭ 8 مىليون 840 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 7181 دېھقان ئائىلىسىگە ئاشلىق تولۇقلىما پۇلى قىلىپ تارقىتىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر دېھقان ئائىلىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1231 يۈەندىن تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ