باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سانائەت رايونىغا جايلاشقان كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 726 مىليون يۈەنگە يەتتى
2008- 09- 24 16:19 شىنجاڭ گېزىتى

      بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۇچا نېفىت خىمىيە سانائەت رايونى، باي كۆمۈر ئېغىر سانائەت رايونى ۋە ئاقسۇ شەھىرى توقۇمچىلىق – يېنىك سانائەت رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سانائەت  رايونىدىكى كارخانىلار جەمئىي 4 مىليارد 726 مىليون يۈەن سانائەت مەھسۇلات قىممىتى يارىتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %22.6 ئاشۇردى. بۇ كارخانىلارنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى تىجارەت كىرىمى 4 مىليارد 747 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %25.42 ئاشتى. سانائەت قوشۇلما قىممىتى 519 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ۋىلايەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىلار ياراتقان ئومۇمىي سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ %30.28 ىنى ئىگىلەپ،  بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9.3 ئاشتى.

   ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكىلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈچ چوڭ سانائەت  رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 845 مىليون يۈەن، كارخانىلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا 8 مىليارد 889 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل ئالدىنقى يەتتە ئايدا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 59 مىليون 809 مىڭ يۈەنگە، تۈر قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 845 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سانائەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە پۇختا ئاساس تۇرغۇزۇلدى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ