|
تېكەس ناھىيىسى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كەنتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتتى.
تېكەس ناھىيىسى بۇلتۇردىن بۇيان يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانى، ۋەزىپىسىنى ئىدارە – ئورگان ۋە رەھبىرىي كادىرلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈردى. 43 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، كىچىك شەھەر – بازار قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشى، سۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنى قىلدى. 18 مىڭ ئادەم(قېتىم)نى تەربىيىلەپ، كەنتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى زورايتىش خىزمىتىنى ئىختىساسلىق خادىم ۋە تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. 250 مىڭ يۈەننى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈر مەبلىغى قىلىپ، ئىقتىسادى ئاجىز كەنتلەرنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئىنەك باقمىچىلىقى، كىچىك تىپتىكى پىششىقلاش كارخانىسى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بەردى. نەتىجىدە، بۇلتۇر يىل بېشىدىن بۇ يىل 7 – ئايغا قەدەر، ناھىيىدىكى 59 كەنت ئىچىدە كەنت كوللېكتىپ مەبلىغى 50 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان كەنتتىن 20 سى، 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولغان كەنتتىن 12 سى، 100 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە بولغان كەنتتىن سەككىزى بارلىققا كەلدى.
|