باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش پىلانىنى يولغا قويۇش يىغىنى ئېچىلدى
2008- 09- 24 15:56 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئاپتونوم رايون 23 – سېنتەبر باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش پىلانىنى يولغا قويۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، بۇ يىلدىن باشلاپ ئالتە يىل ئىچىدە، ئاپتونوم رايون 15 مىڭ 600 ئوقۇتقۇچىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىقىغا تولۇقلاپ تەكلىپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى تېز كېڭىيىپ، زور تۈركۈمدىكى ئوقۇش يېشىغا توشقان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىغا كىرىپ ئوقۇغاچقا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. شۇڭا، ئاپتونوم رايون باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش پىلانىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىپ، 2008 – يىلىدىن  2013 – يىلىغىچە ھەر يىلى بەلگىلىك مىقداردا ئىختىساسلىقلار زاپاس شتاتىنى كۆپەيتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىشقا ئىشلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ۋە مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ پىلاننى ئىختىساسلىقلار زاپاس شتاتىنى باشقۇرۇش ئىچىگە كىرگۈزدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ، جايلاردىن بۇ پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش ئىلمىي  پىلانلاپ، ئىنچىكە تەشكىللەپ، پىلاننى يولغا قويۇشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى؛ يولغا قويۇش لايىھەسى بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش پىلانىنى يولغا قويۇشنى تەشكىللەپ، يېڭىدىن تەكلىپ قىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىدىيىۋى سىياسىي جەھەتتىن تەربىيلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىدىن تەكلىپ قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن دۇ چىڭرۈي، جىن نولار يىغىنغا قاتناشتى.

( مۇھەررىر : قـەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ