|
يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 23 – سېنتەبر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزدى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن تۇنجى قېتىم بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ياخشى بولغان ئەدلىيە كاپالىتى ۋە قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىنى بېجىرىش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە پائال ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆز ئارا بىر بىرىنى قوللايدىغان خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورناتتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹بىر ھۆكۈمەت، ئىككى مەھكىمە›› بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بولسا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىشنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ خىزمەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى، يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى، خىزمەتتە ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتېتى ۋە يۇقىرى سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەركىن ئىمىرباقى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نازارەت قىلىپ مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەركىزى خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قوللاپ، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بىرىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گولياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ئالپىسباي رەخىم، نەيىم ياسىنلار يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى خىزمەتلىرى توغرىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمائىل يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
|