باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
‹‹كۆك بەرە››مەخەت باقىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى
2008- 09- 24 15:26 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى: مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزا قارا ئۈجمە 17–كەنتىدىكى دېھقان مەخەت باقىنىڭ ئائىلىسى 20 يىللىق قوغۇنچىلىق كەسپىي ئائىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ زىيانسىز، يېشىل يېمەكلىك تېرىش، باشقۇرۇش، پەرۋىش قىلىش ئۆلچىمى بويىچە تېرىغان قوغۇنلىرىنىڭ تەمى ئۆزگىچە ، يەرلىك ئۇسۇلدا ئۆزگىچە قوغۇن ساقلاش تېخنىكىسى يىراق–يېقىنغا داڭق چىقارغان. بۇ يىل مەخەت باقى تۆت مو يەرگە ‹‹ كۆك بەرە ›› سورتىدىكى قوغۇن تېرىپ، تۈجۈپلەپ پەرۋىش قىلغاچقا قوغۇنلىرى راسا ئوخشىدى. ئۇ ھازىرغىچە 4000 يۈەنگە قوغۇن ساتقاندىن باشقا 2000 دانە‹‹كۆك بەرە››قوغۇنىنى ھويلىسىغا چىرايلىق تىزىپ ئاپتاپقا قاقلىماقتا.

      مەخەت باقى خۇشال ھالدا مۇنداق دىدى:‹‹قوغۇنلىرىمنىڭ تەمى ياخشى، پوستىمۇ قېلىن بولغاچقا، يۆتكەشكىمۇ قولايلىق. ھازىر دانىسنى 30يۈەندىن 15يۈەنگىچە سېتىۋاتىمەن. ئاپتاپقا قاقلاپ بولغاندىن كېيىن، يەرلىك ئۇسۇلدا گەمىدە ساقلاپ،  كېلەر يىلى يېڭى قوغۇن چىققۇچە ئالدىنى 40–50 يۈەندىن ساتىمەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 يۈەندىن ھېسابلىغاندىمۇ، تۆت مو يەردىكى قوغۇندىنلا 40مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن. چۈنكى مەندە ئۇزۇن يىللىق قوغۇن تېرىش ۋە ساقلاش تەجرىبىسى بار ››.

مەخەت باقى ھويلىسىدا ئاپتاپقا قاقلاۋاتقان قوغۇنلىرىنىڭ سۈپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرمەكتە

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ