باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ۋىلايەت–ئوبلاسىت خەۋەرلىرى
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
2008- 09- 24 12:57 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى: بۇ يىل 600 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىغان مارالبېشى ناھىيىسىدىكى دېھقانلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇدۇللۇق ئېچىلغان پاختىلىرىنى ئۇدۇللۇق يىغىۋېلىپ ، ھەرقايسى پاختا زاۋۇتلىرىغا بەس–بەستە سېتىپ بەرمەكتە.

   مۆلچەرلىنىشىچە، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ بۇ يىللىق پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1مىليون 600 مىڭ دەندىن ئاشىدىكەن.

پاختا سېتىشقا ماڭغان دېھقانلار

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى: مارالبېشى ناھىيىىسنىڭ ئاناركۆل يېزا غولمەھەللە 10–كەنت 2–مەھەللىسىدىكى دېھقان تۇرسۇن تۇردى بۇ يىل ئەتىيازدا ئىككى پارنىك ياساپ ، بالدۇر پىشار تاۋۇز تېرىپ ، ھەر بىر پارنىكتىكى تاۋۇزدىن 1300يۈەن ساپ كىرىم قىلغان ئىدى. ئۇ تاۋۇزلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، 7–ئايدا پارنىك ئىچىگە پەمىدۇر مايسىسى كۆچۈرۈپ ، تېخنىكلىق پەرۋىشلىرىنى تۈجۈپىلەپ ئىشلىگەچكە ، پەمىدۇرلار ئوبدان ئوخشىدى. تۇرسۇن تۇردىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ بازارغا كىرىش ئالدىدا تۇرغان پەمىدۇرلىرىنى دۆلەت بايرىمى ۋە روزا ھېيىت مەزگىلىدە سېتىپ چىقىرىپ ، ھەر بىر پارنىكتىن قىلغان ساپ كىرىمىنى 3000يۈەندىن ئاشۇرىدىكەن.

تۇرسۇن تۇردى (ئوڭدا) ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پەمىدۇرلارنى پەرۋىش قىلماقتا

      *  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز  ئابدۈشۈكۈر راشىدىن خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ لەنگەر يېزىسى بۇ يىل6500 مو يەرگە كېۋەز تېرىغان بولۇپ، تۈرلۈك پەرۋىش ئىشلىرى تېخنىكا تەلىپى بويىچە چىڭ تۇتۇلغانلىقتىن، كېۋەزلەر بالدۇر ئېچىلدى. نۆۋەتتە ، دېھقانلار كېۋەزلىرىنى 3–قېتىم تېرىۋېلىشىنىڭ جىددىي تەييارلىقىنى قىلماقتا.

دېھقانلار پاختا تېرىماقتا  

     * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان شاھ تىللا خەۋىرى، فوتوسى: تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىلىك سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋىلايەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 23–سېنتەبرگە قەدەر ناھىيە بازىرىدىكى 320 دىن ئارتۇق‹‹سەنلۇ ››ماركىلىق  بالىلار سۈت پاراشوكلىرى سېتىش نۇقتىلىرىغا قارىتا  تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ باردى ھەمدە بىر قىسىم ئىستېمالچىلارغا بۇ ھەقتە مەسلىھەت بەردى. نۆۋەتتە ناھىيە تەۋەسىدە بۇ يىل  8–ئاينىڭ 6–كۈنىدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغان ‹‹سەنلۇ››ماركىلىق بالىلار سۈت پاراشوكى بايقالمىدى.

خادىملار تەكشۈرۈش ئۈستىدە

      * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئامىنە ھەمدۇل، شىياۋ لوڭ خەۋىرى، فوتوسى : بۇ يىل ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنى››ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قارا شەھەر ناھىيىلىك مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسى بىلەن ناھىيىلىك قانۇن ئىجرا قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشىدە يېقىندا، ناھىيە تەۋەسىدىكى رەھبىرى كادىرلار ۋە يېزا، بازارلىق ھۆكۈمەت، مەكتەپ، كان–كارخانىلاردىن بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى–خىزمەتچىلەردىن بىر قېتىملىق ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قانۇنى» بىلىملىرىدىن ئىمتىھان ئېلىندى.

رەھبىرى كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىمتىھان بەرمەكتە

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ