باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008- 09- 23 15:34 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       ·22 – سېنتەبر ، چۈشتىن كىيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ  ئەزاسى، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى خې گوچياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى باشلاپ، ئىلگىرى–كىيىن بولۇپ ، يىنچۈەن شەھىرىگە جايلاشقان نىڭشيا مۇزىيى ۋە يىنچۈەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ 50 يىللىق مۇۋەپپىقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

  ·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ  ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، گوۋۇيۈەن 3–قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يەندوڭ 22 – سېنتەبر چۈشتىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ 3–قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2–كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىپ ، گەۋدىلىك مەسىللەرنى ھەل قىلىپ ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئەمەلىي تەكشۈرۈشخىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك ›› .   

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 22 – سېنتەبر چۈشتىن بۇرۇن  يىنچۈەنگە يېتىپ كېلىپ ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

    . 5–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئوتتۇرا–كىچىك تىپتىكى كارخانىلار يەرمەنكىسى ۋە جۇڭگو–كورىيە ئوتتۇرا–كىچىك تىپتىكى كارخانىلار يەرمەنكىسى 22 – سېنتەبر گۇاڭجۇدىكى خەلقئارا يىغىن – كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ دېجياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.  

  ·دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭلې 22 – سېنتەبر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ، ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن ئەنگلىيىنىڭ دېڭىز ئىشلىرى 1–ۋەزىرى، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش شىتاب باشلىقى باند ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. لياڭ گۇاڭلې مۇنداق دېدى: ‹‹ نۆۋەتتە ، جۇڭگو–ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلماقتا. بۇ— ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ۋە يىراق مەزگىللىك مەنپەئەتىگە ماس كېلىدۇ . يېقىندىن بۇيان، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلماقتا . جۇڭگو تەرەپ ئەنگلىيە بىلەن بولغان كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈشنى خالايدۇ›› . باند مۇنداق دېدى‹‹ ئەنگلىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى بولغان سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى خالايدۇ . مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ، جۇڭگوغا بولغان چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆپ جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد ›› .  

      . يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى 22 – سېنتەبر جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شەرقىي شىمال رايونىدىكى 3 ئۆلكە ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردىكى يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىدىن ئۈششۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نۆۋەتتىكى ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئۈششۈك زىيىنىنى ئازايتىش ۋە تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى.

      ·دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ماسلاشتۇرۇش– ئىستاتىستىكىلاش مەھكىمىسى يېقىندا، مۇشۇ ئاينىڭ 15– كۈنىدىن 21– كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇ مەزگىلدە، مەملىكەت بويىچە يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە سانى 3 كە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى 111غا يەتكەن.

     ·جۇڭخۇا مۇھىت ئاسراش بىرلەشمىسى، جۇڭگو شەھەر ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى ئىكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش جەمئىيىتى ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى سان مىقدار ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق 4 ئورۇن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان‹‹جۇڭگودىكى داڭلىق يېشىل ناھىيە›› ۋە‹‹جۇڭگودىكى داڭلىق يېشىل بازار››لارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى يېقىندا بېيجىڭدا رەسمىي باشلاندى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ