باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى
2008- 09- 23 15:16 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 22 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى . ئىككى تەرەپ جۇڭگو–ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. بۇش ئالدى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلدە ئۆزىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە خۇ جىنتاۋغا ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك ئىقتىسادىي ۋە پۇل مۇئامىلە ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانغانلىقى ھەمدە داۋاملىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

 خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. . خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: ‹‹بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. بىز بۇ تەدبىرلەرنىڭ تېزدىن ئۈنۈم بېرىپ ، ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە پۇل مۇئامىلە ئەھۋالىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .  ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە پۇل مۇئامىلە ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى — ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە شۇنىڭدەك خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق›› . 

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ