باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
شىنجاڭدا دەرسلىك كىتابنى تەكرار ئىشلىتىش ئۈچۈن، دەرسلىك كىتابلارنى ئاسرايدىغان كەسپىي خادىملار بارلىققا كەلدى
2008- 09- 23 11:28 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى. بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردە دەرسلىك كىتابنى ئاسرايدىغان كەسپىي خادىملار ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلار مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى دەرسلىك كىتابنى تەكرار ئىشلىتىش ئۈچۈن، كىتابلارنى ساقلاش ۋە دېزىنفېكسىيىلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، ھەر بىر دەرسلىك كىتابنىڭ تەكرار ئىشلىتىلىش مۇددىتىنى ئۈچ يىلغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ھەقسىز دەرسلىك كىتابلارنى تەكرار ئىشلىتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە باشقۇرۇش چارىسى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەكتەپلەر دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن، تەكرار ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىك كىتابلارنى كۇتۇپخانىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولىدۇ، ئالاقىدار خادىملارمۇ باشقۇرۇشقا ماسلىشىدۇ، شۇنداقلا نەملىشىپ قېلىشتىن ساقلاش، قۇرت چۈشۈشتىن ساقلاش، توپا بېسىپ كېتىشتىن ساقلاش، ئوغرىلىنىپ كېتىشتىن ساقلاش، ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئاخىرى، تەتىل قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئارىيەتكە ئالغان تەكرار ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىك كىتابنى قايتۇرۇۋالىدۇ ھەم يىللىقلار بويىچە سىنىپ، پەن، كىتابنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، تەكرار ئىشلىتىلىدىغان دەرسلىك كىتابلارنى تەكشۈرىدۇ، تۈرگە ئايرىيدۇ، تىزىملايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ تەكرار ئىشلىتىلىدىغان كىتابلارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيىلەشكە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسىلى بار ئوقۇغۇچىلار ئىشلەتكەن كىتابلارنى قايتۇرۇۋالمايدۇ.

   بەلگىلىمىدە يەنە ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرار ئىشلىتىدىغان دەرسلىك كىتابلارنى ئىشلىتىش توغرىسىدا قېلىپلاشقان تۈزۈم ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكرار ئىشلىتىدىغان دەرسلىك كىتابلارنى ئىشلىتىش تەرتىپى ۋە تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى ئىشلىتىش ئادىتىنى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تەكرار ئىشلىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابلار، جۈملىدىن يېزا ۋە ناھىيە، بازارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‹‹ئىلىم – پەن››، ‹‹سەنئەت››(ياكى ‹‹مۇزىكا››، ‹‹رەسىم››)، ‹‹ئۇچۇر تېخنىكىسى››نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ‹‹سەنئەت››(ياكى ‹‹مۇزىكا››، ‹‹رەسىم››)، ‹‹تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق››، ‹‹ئۇچۇر تېخنىكىسى››نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ