|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ۋە پرىيوم – كارانتىن باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ۋە پرىيوم – كارانتىن باش ئىدارىسى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، شىجياجۇاڭ ‹‹سەنلۇ›› (ئۈچ بۇغا، دېگەن مەنىدە) گۇرۇھ پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ‹‹سۈپەت نازارەتچىلىكى – تەكشۈرۈشىدىن خالاس قىلىش سالاھىيىتى››نى بىكار قىلىش ۋە ‹‹كۇرسلۇق مەھسۇلات›› نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغان.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: شىجياجۇاڭ ‹‹سەنلۇ›› گۇرۇھ پاي چەكلىك شىركىتى زور يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىكى ھادىسىسى پەيدا قىلدى، شۇڭا، شىجياجۇاڭ ‹‹سەنلۇ›› گۇرۇھ پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار – بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان سۈت پاراشوكى ھەم باكتىرىيىسىزلەندۈرۈلگەن سۈتنىڭ ‹‹سۈپەت نازاەتچىلىكى – تەكشۈرۈشىدىن خالاس مەھسۇلاتلىق سالاھىيىتى››نى بىكار قىلىش ۋە ‹‹كۇرسلۇق مەھسۇلات›› نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى.
|