|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇۋېي 21 – سېنتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقتىكىلەرنى باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۈت پاراشوكى بازىرىنى تەكشۈردى، ‹‹مەسىلە كۆرۈلگەن سۈت پاراشوكى›› ۋە لاياقەتسىز سۈتنىڭ بازاردىن قالدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ‹‹ياخشى يۇرت›› تاللا بازىرىنىڭ ياشلار يولى دۇكىنى، شىنجاڭ ‹‹جىننيۇ›› بىئولوگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ‹‹گەيرۈي›› سۈتچىلىكى شۆبە شىركىتى ۋە مەزكۇر شىركەتنىڭ ئاتمىش تۈتۈن يېزىسىدىكى ئىنەك باقمىچىلىق بازىسىغا بېرىپ، ‹‹مەسىلە كۆرۈلگەن سۈت پاراشوكى›› ۋە لاياقەتسىز سۈتنىڭ بازاردىن قالدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ۋە سۈتنىڭ كېلىش مەنبەسى، پىششىقلاپ ئىشلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە سېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
مۇخبىر ‹‹ياخشى يۇرت›› تاللا بازىرىنىڭ ياشلار يولى دۇكىنىدا، سۈت پاراشوكى پەشتاختىسىغا تىزىلغان ھەر خىل ماركىدىكى سۈت پاراشوكىنىڭ ھەممىسىگە ‹‹تەكشۈرۈش دوكلاتى›› چاپلانغانلىقىنى كۆردى. خۇ ۋېي ‹‹مەسىلە كۆرۈلگەن سۈت پاراشوكى›› ۋە ‹‹مەسىلە كۆرۈلگەن سۈت››نىڭ بازاردىن قالدرۇلۇش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈردى. خۇ ۋېي 1 – قەۋەتتىكى مۇلازىمەت مەركىزىدە، ‹‹مەسىلە كۆرۈلگەن سۈت پاراشوكى››نىڭ بازاردىن قالدۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە ھازىر سېتىلىۋاتقان سۈت پاراشوكىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسكەن – ئۆسمىگەنلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ‹‹ياخشى يۇرت›› تاللا بازىرىنىڭ ھەر قايسى دۇكانلىرىدا جەمئىي 5500 كىلوگرام ‹‹مەسىلە كۆرۈلگەن سۈت پاراشوكى›› بازاردىن قالدۇرۇلۇپ پېچەتلەنگەن ۋە زاۋۇتقا قايتۇرۇۋېتىلگەن. ‹‹ياخشى يۇرت›› تاللا بازىرى بىردىنبىر شەرتسىز مال قايتۇرغىلى بولىدىغان تاللا بازىرى. دۇكان مەسئۇلى لى شيۇلىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ‹‹ياخشى يۇرت›› تاللا بازىرى مۇلازىمەت مەركىزى جەمئىي 1400 قېتىم مالنى قايتۇرۇۋالدى، مال قايتۇرۇش سوممىىسى 80 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىڭ ۋۇ فېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەپ چىقىرىلغان سۈتنىڭ تەكشۈرۈلۈش ئەھۋالى بىر قەدەر كۆڭۈلدىكىدەك بولغان. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 83 سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىغا ئىككىدىن ئارتۇق نازارەتچى كارخانا بىلەن بىرلىكتە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئەۋەتىلدى، ئۇلار زاۋۇتتىن چىقىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاياقەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىنخۈەي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىلىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى باشلىدى، ھازىرغا قەدەر 80 نەچچە توننا‹‹مەسىلە كۆرۈلگەن سۈت پاراشوكى›› بازاردىن قالدۇرۇلدى. بەزى رايونلاردا بۇ خىل سۈت پاراشوكى بايقالمىدى. ئارقا كوچا، تار كوچا، شەھەر، بازار تۇتاشقان جاي ۋە يېزا، كەنتلەردە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىش ھازىرقى ئاساسلىق خىزمەت بولۇپ قالدى.
|