|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىجياجۇاڭ خەۋىرى. خېبېي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 17 – سىنتەبىر يەنە ئىككى جىنايەت گۇماندارى ج خ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
ھازىرغا قەدەر، ساقچى تەرەپ 28 جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە كىشى قولغا ئېلىنغان، ‹‹سەنلۇ›› گۇرۇھىنىڭ سابىق لىدېرى، باش دېرىكتورى تيەن ۋىنخۇانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.
ج خ نازارىتى 17 – سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. ئاخبارات باياناتچىسى شى گۈيجۇڭ ج خ ئورۇنلىرىنىڭ ‹‹سەنلۇ›› گۇرۇھىنىڭ بوۋاقلار – بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ بۇلغىنىش ھادىسىسىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇن››نىڭ 144 – ، 150 – ماددىسى ۋە ‹‹جىنايى ئىشلار ھەق – تەلەپ قانۇنى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ‹‹سەنلۇ›› گۇرۇھىنىڭ سابىق لىدېرى، باش دېرىكتورى تيەن ۋېنخۇانى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇشنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
|