|
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى 17 – سېنتەبىردىن 20 – سېنتەبىرگىچە خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمەتلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئەركىن ئىمىرباقى خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا، خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەردىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ۋە ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتكومنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە دەل ۋاقتىدا، توغرا دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، تۈزۈم ۋە قانۇن جەھەتتىن پارتكومنىڭ باشتىن – ئاخىر ئومۇمىي ۋەزىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش رولىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە خىزمەت قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولغان، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى قوللايدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، پۇختا خىزمەت ئۈنۈمى بىلەن يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ ئوبرازى ۋە نوپۇزىنى تىكلەش كېرەك.
ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 5 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىدىيە جەھەتتە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇش كېرەك. ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئاكتىپلىق بىلەن شارائىت يارىتىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى قوغداش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك.
|