باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
جۇڭگو خەلق بانكىسى قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆت يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەتتى
2008- 09- 22 12:40 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. جۇڭگو خەلق بانكىسى تۆت يىلدىن بۇيان قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى تۇنجى قېتىم قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇراھال – كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى % 1 پوئېنت تۆۋەنلىتىدۇ.

   جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋەكىلى 15 – سېنتەبىر مۇنداق دېدى: ‹‹16 – سېنتەبىردىن باشلاپ بىر يىل مۇددەتلىك خەلق پۇلىنىڭ قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى % 0.27 پوئېنت تۆۋەنلىتىلىدۇ. باشقا مۇددەت قاتلىمىدىكى قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى قىسقا مۇددەتلىكلىكىنى كۆپ تەڭشەش، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى ئاز تەڭشەش پرىنسىپى بويىچە مۇناسىپ دەرىجىدە تەڭشىلىدۇ، لېكىن ئامانەت پۇل تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى ئۆزگەرتىلمەيدۇ››.

   دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ 2004 – يىل 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنىدىن بۇيان قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىتىلىشى. بۇ قېتىم قەرز تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، ئالتە ئايلىق قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى % 6.21 كە؛ بىر يىل مۇددەتلىك قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى% 7.20 كە؛ 1 – 3يىل مۇددەتلىك قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى% 7.29 كە؛ 3 – 5يىل مۇددەتلىك قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى% 7.56 كە؛ بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى% 7.74 كە تۆۋەنلىتىلدى.

   شەخسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرز ئۆسۈم نىسبىتىمۇ مۇناسىپ دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بەش يىلدىن تۆۋەن)بەش يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى%0.18 پوئېنت تۆۋەنلىتىلىپ% 4.59 كە؛ بەش يىلدىن يۇقىرى قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى% 0.09 پوئېنت تۆۋەنلىتىلىپ % 5.13 كە چۈشۈرۈلدى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئوتتۇراھال – كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانىتى تەييارلىق فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 25 – سېنتەبىردىن باشلاپ سودا – سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسى، پوچتا ئامانەت بانكىسى ۋاقتىنچە تۆۋەنلەتمىگەندىن سىرت، باشقا ئامانەت تۈرىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خەلق پۇلىنىڭ ئامانەت تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى % 1 پوئېنت تۆۋەنلىتىدۇ. ۋېنچۈەندىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردا يەرلىك قانۇنىي ئىگىلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئامانەت تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى % 2 پوئېنت تۆۋەنلىتىدۇ.

   جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋەكىلى بۇ قېتىمقى ‹‹قوش ئۆسۈم نىسبىتى››نىڭ تۆۋەنلىتىلىشى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ‹‹بۇنىڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىش، كاپالەتمۇ – بېسىممۇ بولۇش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش پرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم، تېز، سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاش مەقسەت قىلىنغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ