|
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ‹‹توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى پاختا تېرىش ئەمگەك پائالىيىتىگە قاتناشتۇرماسلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› نى تارقاتتى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ يىل كۈز پەسلىدىن باشلاپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار پاختا تىرىش پائالىيىتىگە قاتناشمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، يېزىلاردىكى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر يېڭى دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالى، ئوقۇتۇش شارائىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ، ئوخشاشمىغان ئوقۇش يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىغا قاراپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، زۆرۈر ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇسا بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ يېزىلاردىكى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىشى — يېزىلاردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە جامائەت خىراجىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكەن، بولۇپمۇ بۇ يىل كۈز پەسلىدىكى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا، يېزىلاردىكى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپ كاپالىتى خىراجىتى 2007 – يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيتىلىپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جامائەت خىراجىتى چىقىمىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرغان. شۇڭا، بۇ يىل كۈز پەسلىدىن باشلاپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار پاختا تېرىش پائالىيىتىگە قاتناشمايدىكەن.
|