|

دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 21– سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىدا ياپونىيە –جۇڭگو ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ پەخرى باشلىقى يۈشۇشى فۇشىفۇ ۋە باشلىقى جاڭفۇ شىفۇ باشچىلىقىدىكى ياپونىيە–جۇڭگو ئىقتىساد جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
خۇ جىنتاۋ ياپونىيە–جۇڭگو ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو–ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ئالاھىدە تەرىپلىدى ھەمدە ياپونىيىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو–ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ياپونىيە بىلەن بىر ياقتا تۇرۇپ، جۇڭگو–ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ 4 سىياسىي ھۆججىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىر–بىرىگە ئىشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر–بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئىجتىمائىي ئالاقىنى كېڭەيتىپ، رايونلار ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى، ئالاقىدار سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو–ياپونىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ستراتېگىيىلىك بىر– بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى سىجىل، چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ .
|