|
بۇ يىل قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەشكە بىر ئايدىن كۆپرەكلا ۋاقىت قالغان بولسىمۇ، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ كۆمۈر تەييارلاش ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس. ھازىرغىچە پار بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەيدىغان 44 كارخانىنىڭ توققۇزىنىڭ كۆمۈر زاپىسى يوق. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەش ساھەسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى پار بىلەن تەمىنلەش باشلىنىشتىن ئىلگىرى پار بىلەن تەمىنلەيدىغان كارخانىلارنىڭ كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40 كۈن ئىشلىتىشكە يېتىشى كېرەكلىكىنى، كۆمۈر تەييارلاش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمەسلىك سەۋەبىدىن ئېغىر ئاقىبەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئورۇننىڭ قانۇنىي ئىگىسىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەش ساھەسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ تەييارلىق قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: پار بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەيدىغان 44 كارخانا ئىمزالىغان كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش توختىمىدىكى كۆمۈر مىقدارى ئىشلىتىش پىلانلانغان كۆمۈر ئومومىي مىقدارىنىڭ %80.1ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 11.05 يۇقۇرى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە 29 كارخانىنىڭ توختام ئىمزالاش نىسبىتى %100كە يەتكەن. پار بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەيدىغان 14 كارخانىنىڭ كۆمۈر زاپىسى 10 مىڭ توننىدىن ئېشىپ كەتكەن، بىراق توققۇز كارخانا ھازىرغىچە ھېچقانداق كۆمۈر تەييارلىمىغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەش ساھەسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى ئالاقىدار مەسئولىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆمۈر تەييارلاش سالمىقى يېتەرلىك بولماسلىق تۈپەيلىدىن ئېغىر ئاقىبەت پەيدا قىلغان ئورۇننىڭ قانۇنىي ئىگىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىشنى قارار قىلغان.
|