|
بۇ يىللىق پار بىلەن تەمىنلەشكە بىر ئاي ۋاقىت قالدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 44 پار بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش كارخانىسى كۆمۈر غەملەشكە كىرىشتى. بىراق، پار بىلەن تەمىنلەنگەن ئورۇنلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىن بۇيان نېسى قىلغان پار ھەققى مەسىلىسى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى تىجارىتىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا.
7 – سېنتەبىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەش ساھەسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پار ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، پار ھەققىنى يىغىش نىسبىتى يىلمۇ يىل ئاشقان، پار بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەيدىغان 44 كارخانىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە شۇ يىللىق پار ھەققىنى يىغىش نىسبىتى %90تىن ئېشىپ كەتكەن. بىراق ئىلگىرى نېسى قالدۇرۇلغان پۇل كۆپ بولغانلىقتىن، نېسىنى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتى قىيىنغا توختىغان، ئىلگىرىكى يىللاردىكى نېسى قىلىنغان پۇل 400 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 90 مىليون كۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پار بىلەن مەركەزلىك تەمىنلىنىدىغان كۆلەم 60 مىليون كۋادرات مېتىردىن كۆپ بولۇپ، پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. 400 مىليون يۈەن نېسى پار پۇلى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ سۇ، توك، كۆمۈر چىقىمىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا بىۋاسىتە قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان، بەزى پارقازان تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى قىلىش قىيىنلاشقان، بۇ پار بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن.
|