|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسى يېقىندا باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇشقا دائىرى يېڭى يۇمشاق دېتالنى رەسمىي ئىشلىتىشكە باشلىدى، باج تاپشۇرغۇچى 90 مىڭدەك كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچى بۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ.
بۇ ئىدارە ئىشلىتىشكە باشلىغان ئۇنىۋېرسال بۇ يېڭى يۇمشاق دېتال باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، باج ئېلىش – باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ھەر قايسى قاتلىمى ۋە ھالقىسىغا چېتىلغان بولۇپ، يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تور ئارقىلىق باج تاپشۇرۇشى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەرلىك باج سىستېمىسىنىڭ باج تاپشۇرۇشقا قىلىدىغان مۇلازىمىتىمۇ كومپيۇتېر بىلەن باشقۇرۇلۇپ، ئارىلىقتىكى زۆرۈر بولمىغان ھالقا ۋە سۈنئىي ئامىللار ئازايتىلىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ ئىدارە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ يەرلىك باج باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى يۇمشاق دېتالى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 50 مىڭدەك يەككە تىجارەتچى تاپشۇرغان باجنى تۈركۈمگە ئايرىش ۋە 40 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا تاپشۇرغان باجنى ‹‹ئېلېكترونلۇق ئارخىپ ئارقىلىق بىر تۇتاش باشقۇرۇش››تەك شەھەر دەرىجىلىك سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىنى روياپقا چىقارغانىدى. بۇ قېتىم ئىشلىتىلگەن يېڭى يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك، باج كەسپىنىڭ ھالقىلىرىنى قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغاچقا، باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە خېلى تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
|