|
ئىلگىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى بارغان مەكتىپىنى تەخمىنەن بىلگىلى بولاتتى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋاملىق ئوقۇۋاتقان – ئوقۇمايۋاتقانلىقىنى مەكتەپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالمايتتى. ئەمما، بۇ يىل ئىيۇندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ ‹‹ئىز قوغلاپ ئىگىلەش ئارخىپى›› تۇرغۇزۇپ، بارىدىغان مەكتىپىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئوقۇيالىشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ. بۇنى 5 – سېنتەبىر مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىدى.
ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، مەكتەپ پۈتكۈزۈش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن داۋاملىق ئوقۇيالماسلىق، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىشلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولۇشىنى ئازايتىش ۋە توسۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى شەھەردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى % 97 تىن ئاشۇرۇشنى، يېزىلاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى %80 كە يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى، بۇ –– مەكتەپلەرنىڭ ‹‹ئىز قوغلاپ ئىگىلەش ئارخىپى›› تۇرغۇزۇشىدىكى سەۋەب.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جۈن: ‹‹ئوقۇغۇچىلارنىڭ <ئىز قوغلاپ ئىگىلەش ئارخىپى>نى تۇرغۇزۇش ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ خىزمەتنى باشقا ئىلىپ چىقىشتا، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تايىنىمىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ مەسئۇلى تېخنىكوم ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى تاللاپ ئوقۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك›› دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىزمەت 15 – سېنتەبىردىن باشلاپ كونكرېت يولغا قويۇلىدىكەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ھەر قايسى رايون(ناھىيە) مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ تەۋەلىكىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش بىلەن بىللە، بۇ يىل تىزىملاتقان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوملارنىڭ مەسئۇلىيەت نىشانىنى تاماملاش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن داۋاملىق ئوقۇيالىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
|