باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاندى
2008- 09- 22 11:00 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      19 – سېنتەبر كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىكەنكۆل مەيدانىدا كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

      پۈتكۈل كېچىلىكتە  بېيجىڭ تىياتىرى، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى، شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇلى،  سىچۈەن تىياتىرى قاتارلىقلار كۆرسىتىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى خاتىرلەندى. بىر تاماشىبىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : مەن شىنجاڭدا ياشاۋاتقىنمغا 40 يىلدىن ئاشتى، مەن كەلگەن ۋاقىت بىلەن ھازىر ئاسمان – زېمىن پەرقلنىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تەرەققىيات بەك تېز بولدى، ھازىر شەھەرلەردە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈدى، چىراق، تېلېفون ناھايىتى تېز ئومۇملاشتى، بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش ناھايىتى ياخشى ئىش، مەن بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشۇمنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      ئۈرۈمچى شەھىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن ئۇدا ئۈچ كۈن چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ پائالىيەتكە ھەر قايسى رايون، ناھىيىلەردىن كەلگەن ئاددىي شەھەر ئاھالىلىرى قاتناشتى. ئۈچ مەيدان سەنئەت كېچىلىكىنىڭ باش رىژىسسورى جيەن گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىل پۈتكۈل خەلق ئاممىسى نەپ ئالغان يىل بولدى، مۇشۇنداق چوڭ پائالىيەتكە كەڭ ئاممىنىڭ قاتنىشىشى ناھايىتى ياخشى ئىش.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ