|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەمگەك توختامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – قېتىملىق ئومۇمي يىغىنى 18 – سېنتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمگەك توختامى قانۇنىنى تۇرغۇزۇشتىكى مەقسەت ––– ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ۋۇ باڭگو مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئەمگەك توختامى قانۇنى جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قانۇن، بۇ قانۇننى تۈرغۇزۇشتا ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. بۇ قانۇن بۇ يىلقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمگەك توختامى ئىمزالاش نىسبىتى تۆۋەن، ئەمگەك توختام مۇددىتى قىسقا، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش تەرتىپسىز بولۇش قاتارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، بۇ قانۇننى تۈزۈشتىكى ئاساسىي مەقسەتنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ لياۋنىڭ، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ، شەنشى، شەندۇڭ، فۇجيەنگە بېرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلايدۇ ھەم جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، ئەنخۇي، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭشى، يۈننەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا ئۆز مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىدۇ.
|