باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچىدە دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى بەرگۈچىلەر يىللاردىكىدىن ئەڭ كۆپ بولدى
2008- 09- 22 10:03 تەڭرىتاغ تورى

      21 – سېنتەبر ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدليە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3642 ئادەم دۆلەتلىك ئەدليە ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان بولۇپ ، ئۆتكەن يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كۆپ ئىكەن.

      ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 9367 نەپەر ئادەم دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى رايونىدا تىزىملاتقۇچىلار 3462 نەپەر بولۇپ ، بۇلتۇرقىدىن 630 نەپەر ئاشقان ، شۇنداقلا شىنجاڭ رايونىدىكى تىزىملاتقۇچىلارنىڭ %37 ىنى ئىگىلىگەن. مۇخبىرنىڭ 20 – سېنتەبر ۋە 21 – سېنتەبر كۈنلىرى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونىۋېرسىتېتىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونىۋېرسىتېتى ئۈرۈمچىدە ئېلىندىغان دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان مەيدانلىرىدىن بىرى بولۇپ، مەكتەپتە جەمئىي 140 ئىمتىھان مەيدانى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن 98 ئىمتىھان مەيدانى ، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن 37 ئىمتىھان مەيدانى، قازاق يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن تۆت ئىمتىھان مەيدانى، موڭغۇل يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن بىر ئىمتىھان مەيدانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، ئىمتىھان كۈنى، ئىمتىھانغا 331 ئادەم قاتناشمىغان.   

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ