|
ئۆز مۇخبىرىمىز تاھىرجان ھامۇت خەۋىرى ، فوتوسى: 14–سېنتەبر ، ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقى ئايلانما يولى قوي، كالا گۆشى توپ ۋە پارچە سېتىش بازىرى رەسمىي قۇرۇلۇپ ، تىجارەت باشلىدى.

شەرقى ئايلانما يولى قوي ، كالا گۆشى توپ ۋە پارچە سېتىش بازىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى ۋە ھەر جەھەتتىن تەكشۈرۈپ بېكىتىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقى ئايلانما يولى قۇرۇق مېۋە–چېۋە توپ سېتىش بازىرىنىڭ يەر ئاستى زالىغا جايلاشقان.نەچچە كۈنلۈك تىجارەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئورۇن، سۈپەت، تازىلىق قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلەر يېڭى قۇرۇلغان بۇ گۆش توپ، پارچە سېتىش بازىرىنى يېڭىچە تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرمەكتە.
شەرقى ئايلانما يولى قوي، كالا گۆشى توپ، پارچە سېتىش بازىرىنىڭ مەسئۇللىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:‹‹ بۇ گۆش بازىرىنى قۇرۇشتا بىز خەلققە قۇلايلىق بولۇشنى ئاساس قىلدۇق.بىرىنچىدىن، بۇ بازارنىڭ ئورنى شەھەرنىڭ سودا چەمبىرىكى ئىچىدە بولۇپ، شەھەر ئاممىسىنىڭ گۆش سېتىۋېلىشى ئاسان توختايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بازارنىڭ تۈرلۈك ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، مەيلى خېرىدارلارغا بولسۇن ياكى تىجارەتچىلەرگە بولسۇن ئوخشاشلا ياخشى پاكىز، مۇھىت يارىتىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، بازاردا سېتىلىدىغان گۆشلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن قۇشخانىلاردا سويۇلغان ۋە كارانتىن قىلىنغان بولۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر گۆش ئىستېمال قىلىشىغا كاپەلەتلىك قىلىندى››.
ئىگىلىنىشچە، يېڭى قۇرۇلغان بۇ گۆش بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 5000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 400گە يېقىن تىجارەت ئورنى بار ئىكەن، نۆۋەتتە، 300گە يېقىن تىجارەتچى نورمال تىجارەت باشلاپ بوپتۇ. بۇ بازار ئۆلچەملىك ۋە سىستېمىلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، تازىلىق ۋە مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش ئىنتايىن قۇلايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، تىجارەت باشلاپ نەچچە كۈن ئىچىدىلا نورمال بازار ھالىتىگە كىرىپ، كۈنىگە 3000دىن ئارتۇق قوي، 200دىن ئارتۇق كالىنىڭ گۆشى سېتلىۋېتپتۇ .

بۇ بازاردا قوي گۆشى تىجارىتى قىلىۋاتقان يەككە تىجارەتچى مەمەت ئابلا مۇنداق دېدى:‹‹مەن بۇرۇن باشقا تىجارەت قىلاتتىم. بۇ بازارنىڭ ئورنى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھىتى، تازلىقى ئىنتايىن ياخشى. مەيلى بىزنىڭ تىجارەت مۇھىتىمىز بولسۇن ياكى گۆشنىڭ پاكىزلىقى بولسۇن ئىنتايىن ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولىدىكەن. شۇڭا بۇ بازاردا تىجارەت قىلىۋاتىمەن. گەرچە بازار تىجارەت باشلىغىلى تېخى نەچچە كۈنلا بولغان بولسىمۇ، لېكىن گۆشىمىز يېڭى، پاكىز باھادىمۇ مۇۋاپىق بولغاچقا، خېرىدارلارمۇ ياخشى ئۆگىنىپ قالدى، ھازىر كۈنىگە 150–200گىچە قوينىڭ گۆشىنى توپ ۋە پارچە سېتىۋاتىمەن››.
بۇ بازار تۈرلەر بويىچە سېتىش رايونى بەلگىلىگەن بولۇپ، قوي گۆشى، كالا گۆشى، باش–پاچاق، ئۆپكە...قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇقىم بەلگىلەنگەن ئورۇندا سېتىلىدىكەن.

—بۇرۇن گۆش سېتىۋېلىش ئۈچۈن، نەچچە ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ، بەزىدە سائەتلەپ يول يۈرەتتۇق،–دېدى گۆش سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن سىدىق ئەپەندىم،– ھازىر بۇ گۆش بازىرى شەھەر بازىرىدىلا قۇرۇلغاچقا، بىزگە ئىنتايىن قۇلاي بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆش باھاسى مۇۋاپىق، سۈپىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىكەن. نۇرغۇن يەرلەردە گۆشلەر چاڭ–توزان ئىچىدە قالغاچقا، سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆيدە قايتا–قايتا تازىلاشقا توغرا كېلەتتى لېكىن بۇ بازارنىڭ مۇھىتى ۋە تازىلىقى بىزنى خاتىرجەم قىلدى.
|