|
.گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 18 – سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ 535– نومۇرلۇق بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى›› نى ئېلان قىلدى ، بۇ نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ .
·جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭ يېقىندا بېيجىڭ ھەربىي رايونى توختاملىق تاكتىكا مەشىق بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە مۇرەككەپ ئېلېكتر ماگىنىت مۇھىتىدا بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئەمەلىي مانىۋېرىنى كۆرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيىدىكى قىسىملار رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ ھەربىي مەشىق توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليۇرۇقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇچۇرلاشقان شارائىتتا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى يادرو، مۇرەككەپ ئېلېكتر ماگىنىت مۇھىتىدا مەشىق قىلىشنى مۇھىم چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، قىسىملارنىڭ تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئارمىيىمىزنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى تارىخي بۇرچىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
.دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ 18 – سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرغان 2–نۆۋەتلىك يېڭى يېتەكلىگۈچىلەر يىللىق يىغىنىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 27–كۈنىدىن 28–كۈنىگىچە، تيەنجىندىكى بىنخەي يېڭى رايونىدا ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ئېچىلىش مۇراسىمغا قاتنىشىدىكەن ۋە ئالاھىدە تەبرىك سۆزى قىلىدىكەن.
·يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو دېھقانلار ھەمكارلىقى ئىقتىسادىي تەشكىلاتى تەرەققىياتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە تۈرلۈك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ 150 نەچچە مىڭغا يەتكەنلىكنى ئېلان قىلدى.
·مەملىكەتلىك ‹‹سېرىق مەزمۇندىكى بويۇملارنى تازىلاپ، قانۇنسىز نەشىر بويۇملىرىغا زەربە بېرىش›› خىزمەت گۇرۇپپىسى 18 – سېنتەبىر بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، جايلارنىڭ ئولىمپىكتىن كېيىنكى نەشىر بويۇملىرى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ‹‹سېرىق مەزمۇندىكى بويۇملارنى تازىلاپ، قانۇنسىز نەشىر بويۇملىرىغا زەربە بېرىش›› خىزمىتىنى داۋاملىق كەڭ قانات يايدۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
·دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 17– كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە ، گۇاڭشىدىكى ۋېينىلۇن گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە يۈز بەرگەن ‹‹26–ئاۋغۇست›› پارتلاش ۋەقەسى نەق مەيدان يىغىنى گۇاڭشىنىڭ خېچىيى ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن. دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن خۇاشەن يىغىندا، ۋەقە ئەھۋالىدىن خاتا خەۋەر بېرىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ۋەقە يۈز بېرىشتىكى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان .
|