باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئىمارەتلەرنى پاش قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تەقدىرلىدى
2008- 09- 19 11:51 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

     18 –سېنتەبر چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئىمارەتلەرنى پاش قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تەقدىرلىدى.

     بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن پاش قىلغۇچىلار 11 كىشى بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا 100 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە مۇكاپاتلاندى. داۋان يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ما ئەپەندى يولنى ئىگىلىۋالغان بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئىمارەتنى پاش قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ بۇ ئىمارەتنى چېقىۋەتتى. ما ئەپەندىم بۇ ياخشى ئىشى بىلەن تەقدىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان ئىمارەتنى بايقىغاندىن كېيىن، شەھەر بىزنىڭ تۇرسا، كۆپچىلىكنىڭ باشقۇرۇشىغا، نازارەت قىلىشىغا تايانماي بولمايدۇ، دەپ ئويلاپ، ۋاقتىدىلا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا پاش قىلدىم، ئۇلارمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، نەق مەيداننى كۆرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ سېلىنغان بۇ ئىمارەتنى چېقىۋەتتى.

      بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇزاققىچە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشتا يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى پائال پاش قىلىشقا ئىلھام بەرگەنىدى ھەمدە بۇنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن  پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشنى بەلگىلىگەنىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى قانۇنغا خىلاپ سېلىنغان ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنى نازارەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خەن چىچېڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر ئارقىلىق، قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتتۇق، بۇ تەدبىر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىز ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، ئاممىنىڭ 56 قېتىملىق پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئۇنىڭ ئىچىدە، 32 مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلدۇق، 21 قۇرۇلۇشنى چېقىۋەتتۇق، قالغان دېلولار بىجىرىلىۋاتىدۇ.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە چېقىۋېتىلگەن قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان ئىمارەت كۆلىمى 530 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتكەن، قانۇنغا خىلاپ يېڭىدىن سېلىنغان 315 ئىمارەت تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 170 سى چېقىۋېتىلگەن، قانۇنغا خىلاپ يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىش قىلمىشىدىن 145 ى توسۇپ قېلىنغان.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ