باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
لى يۈەنچاۋ ھىندىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چاندراپان باشچىلىقىدىكى ھىندىستان كومپارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
2008- 09- 19 11:51 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يۈەنچاۋ 18 – سېنتەبىر بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ھىندىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چاندراپان باشچىلىقىدىكى ھىندىستان كومپارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. لى يۈەنچاۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو–ھىندىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، بەلكى كەڭ دائىرىدە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە؛ ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك؛ ھىندىستان كومپارتىيىسى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيىسى ئەنئەنىۋىي دوستلۇققا ئىگە، ئىككى پارتىيە دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر–بىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تۈرلۈك ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ