|

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 18 – سېنتەبىر خەلق سارىيىدا جۇڭگو–ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىللىرىنىڭ 12– قېتىملىق سۆھبىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ھىندىستاننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى نارايانان بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىۋاتقان جۇڭگو– ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي باھا بەردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو–ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە، ئىناق ئۆتۈشى—ئىككى تەرەپكە، شۇنداقلا ئاسىيا ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە پايدىلىق، جۇڭگو ھىندىستان بىلەن تىنچلىققا يۈزلەنگەن ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ؛ ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو–ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك.
|