باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
مىيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جىنايى ئىشلار دېلولىرى زور كۆلەمدە تۆۋەنلىگەن
2008- 09- 19 11:26 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

      مىيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جىنايى ئىشلار دېلولىرى زور كۆلەمدە تۆۋەنلىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى مۇشۇ  ئاينىڭ 11 – كۈنى يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىق قىلىپ قاتىللىق قىلىش دېلوسى قاتارلىق تۆت خۇن دېلوسىنى تېز سۈرەتتە پاش قىلغان.

      مىيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خۇن دېلوسىنى پاش قىلىشنى باشلامچى قىلىپ تۇرۇپ، ئېغىر زوراۋانلىق دېلولىرى، كۆپ يۈز بىرىدىغان مال – مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈش دېلولىرى ۋە زەھەر دېلولىرىغا زەربە بىرىشنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىۋىنى قوغدىدى. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئىقتىسادىي ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق ئورۇنلارغا قارىتا قايتا – قايتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قانۇنسىز قورال – ياراغ، ئوق – دورىلارنى يىغىۋىلىشى سالمىقى ۋە زەھەرلىك، خەتەرلىك بويۇملارنى باشقۇرۇش تەدبىرىلىرىنى كۈچەيىتپ،  213 دانە قورال، 43 مىڭ 741 پاي ئوق، ئىككى مىڭ 967 تال پىلىكنى يىغىۋالدى. قاتناش ساقچىسى، ئالاھىدە ساقچى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماق ئىدارىسى ۋە ساقچىخانا بىرلەشتۈرۈلگەن تورلاشقان چارلاشنى كۈچەيتىپ، كوچىلاردىكى تۈرلۈك قانۇنسىز جىنايى ھەركەتلەرنى بايقىغان ھامان توسۇپ ۋە كونتىرول قىلىپ، پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. قاتناش ۋەقەسى يوشۇرۇن خەۋىپى ساقلانغان يول بۆلەكلىرى ۋە ئورۇنلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مىيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى قاتناش تەرتىۋىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بىرىش قېتىم سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن  %29.4 تۆۋەنلىدى.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ