باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
بۇ يىل قىشتا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن يېڭى تۇرالغۇلاردا ئىشلەتكەن پار مىقدارىغا قاراپ ھەق ئېلىنىدۇ
2008- 09- 19 11:11 شىنجاڭ گېزىتى

    پات يېقىندا پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلى يېتىپ كېلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن يېڭى تۇرالغۇلاردا بۇ يىل  ئىشلەتكەن پار مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ پار پۇلى ئېلىنىدۇ.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا پار بىلەن تەمىنلەشتە مىقدارغا قاراپ ھەق ھېسابلاشتىكى ۋاقىتلىق سېتىش باھاسىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە پار پۇلىنى ھېسابلاشتا، ئاساسىي پار باھاسى بىلەن ئىشلەتكەن پارنىڭ مىقدارىنى ھېسابلاش باھاسى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ھەق ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ھەر j gپارنىڭ باھاسى ھازىرچە 35 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى. ئىشلەتكەن ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش ئۈسكۈنىسىنى تەكشۈرۈش، ئاسراش ھەقلەرنىڭ ھەممىسى پار بىلەن تەمىنلەشتە مىقدارىنى ھېسابلاشتىكى ۋاقىتلىق سېتىش باھاسىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

   خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىشلەتكەن پارنىڭ مىقدارىغا قاراپ ھەق ھېسابلىنىدىغان ئىستېمالچىلار ئىككى مۇھىم فورمىلانى ئېسىدە ساقلىشى كېرەككەن، بۇ فورمۇلا ئۇلارنىڭ تاپشۇرىدىغان پار پۇلى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىككەن. بىرىنچىسى، ئاساسىي پار پۇلى = قۇرۇلۇش كۆلىمى پار باھاسى x50 %x پار بېرىلىدىغان قۇرۇلۇش كۆلىمى. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش كۆلىمى پار باھاسىدا ھەر كۋادرات مېتىر قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ پار باھاسى 22 يۈەن بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئىشلەتكەن پارنىڭ مىقدارىغا قاراپ ھېسابلىنىدىغان پار پۇلى = پار مىقدارى + پارنىڭ مىقدارىنى ھېسابلاشتىكى ۋاقىتلىق سېتىش باھاسى بولىدۇ.

   بۇ دېگەنلىك پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار جەزمەن ھەر كۋادرات مېتىر قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ 22 يۈەنلىك ئۆلچىمىنىڭ %50 تى بويىچە ئاساسىي پار پۇلىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. پار بىلەن تەمىنلەش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئەمەلىي ئىشلەتكەن پار مىقدارىغا قاراپ تاپشۇرغان پار پۇلى تاپشۇرغان ئاساسىي پار پۇلىدىن يۇقىرى چىقسا، ئىستېمالچىلار جەزمەن پار پۇلى پەرق سوممىسى (پار پۇلى پەرق سوممىسى = ئىشلەتكەن پار مىقدارى پۇلى – ئاساسىي پار پۇلى)نى تولۇقلاپ تاپشۇرىدۇ؛ ئەمەلىي ئىشلەتكەن پار مىقدارىغا قاراپ تاپشۇرغان پار پۇلى ئاساسىي پار پۇلىدىن تۆۋەن چىقسا ئىستېمالچىلارنىڭ پار پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ؛ ئەمەلىي ئىشلەتكەن پار مىقدارىغا قاراپ تاپشۇرغان پار پۇلى كۆلەمگە ئاساسەن تاپشۇرغان پار پۇلىدىن يۇقىرى چىقسا ئىستېمالچىلار (تۇرالغۇ ئىمارىتىدىن باشقا ئىمارەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا) داۋاملىق كۆلىمىگە قاراپ پار پۇلى تاپشۇرىدۇ.

   بەلگىلىمە بويىچە، پار بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تۇرالغۇ ئىمارىتىدىكى باش سائەتكە قاراپ ئومۇمىي پار پۇلىنى ھېسابلايدۇ. ئىشلەتكەن پار مىقدارىغا قاراپ ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى ئورناتقان ئىستېمالچىلار ئىشلەتكەن پارغا قاراپ تەڭ چېچىلغان پار پۇلىنى تاپشۇرىدۇ؛ ئىشلەتكەن پار مىقدارىغا قاراپ ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى ئورناتمىغان ئىستېمالچىلار كۆلىمىگە قاراپ تەڭ چېچىلغان پار پۇلىنى تاپشۇرىدۇ. پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە، پار ئىشلەتمىگەن ئىستېمالچىلار (ياكى ئىشلىتىشنى توختاتقان ئىستېمالچىلار) ئاساسىي پار پۇلىنى تاپشۇرىدۇ.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ‹‹پار مىقدارىغا قاراپ سېتىش باھاسى ۋاقىتلىق يولغا قويۇلغان باھا، ئۇ ئېنېرگىيە تېجەش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلگەن، ئىشلەتكەن پار مىقدارىغا قاراپ ھەق ئېلىش شارائىتى ھازىرلانغان تۇرالغۇ ئىمارىتى، ئاممىۋى ئىمارەت شۇنىڭدەك سىناق نۇقتا قىلىنغان تارماقلارغا تەدبىقلىنىدۇ. پار بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل تارماقلار جەزمەن پارنى مىقدارىغا قاراپ ھېسابلاشتىكى ۋاقىتلىق سېتىش باھاسىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك››.

   ئىگىلىنىشىچە، ئىشلەتكەن پارنىڭ مىقدارىغا قاراپ ھېسابلاشتىكى ۋاقىتلىق سېتىش باھاسىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ۋاقتى بىر يىل بولۇپ، بۇ يىل 15 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ