باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۈت پاراشوك بازارلىرىنى تەكشۈردى
2008- 09- 19 11:08 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

       ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 18 – سېنتەبر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۈت پاراشوك بازارلىرىنى تەكشۈردى.

      بۇ ئىككى ئورۇننىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى تولۇنئاي راۋىقى توپ سىتىش بازىرى، ‹‹ ياخشى يۇرت ›› تاللا بازىرى قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرۈپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ مەسىلە بار سۈت پاراشۇكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ ئورۇندىكى ‹‹ ياخشى يۇرت ›› تاللا بازىرى مەسىلە بار 1.6 توننا سۈت پاراشوكىنى بىر تەرەپ قىلغان. ‹‹ كەررىفور ›› تاللا بازىرى، ‹‹ 1 – ئىيۇل جياڭيۇ زاۋۇتى ›› تاللا بازىرى مەسىلە بار سۈت پاراشۇكلىرىنىڭ ھەممىسىنى بازاردىن چېكىندۈرگەن.

     ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىنخۇەي مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ مەسىلە بار سۈت پاراشوكلىرىنىڭ ھەممىسىنى بازاردىن چىكىندۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇم. دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى تەكشۈرۈپ مەسىلە بار دەپ بىكىتكەن سۈت پاراشوكلىرىنى چوقۇم ئوبوروت بازارلىرىدىن چېكىندۈرۈشىمىز؛ مەسىلە يوق سۈت پاراشوكلىرىنى ئاممىغا چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ مەسىلە بار سۈت پاراشوكلىرىنى بازاردىن چېكىنىدۈرۈش خىزمىتىگە يېقىندىن  ماسلىشىپ، مەسىلە بار سۈت پاراشوكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ