|
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەشكىللىگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە شەھەلەردىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىكى ھەھەللىلەردە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى سەھىيە مۇلازىمەت ئورگانلىرىنىڭ %80 گە يېتىپ، زىيادە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مەھەللىلەرنىڭ سەھىيە ئىشلىرىغا سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ شياۋمىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شۇنى بايقىدۇقكى، بەزى مەھەللىلەرنىڭ سەھىيە مۇلازىمەت ئورگانلىرىدا خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورگانلار بىر قەدەر كۆپ ئىكەن، مەسىلەن: كورلا ۋە ئاقسۇ شەھەرلىرىدە بۇ نىسبەت ئايرىم –ئايرىم ھالدا %89.13 ۋە %100 كە يەتكەن، كۆپ ساندىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئورگانلىرى خادىملارنىڭ ئىش ھەققى، ئۈسكۈنە راسخوتلىرىنى يەنىلا ئۆزلىرى ھەل قىلىدىكەن، شۇڭا ئۇلاردا دورا بىلەن دوختۇرخانىنى قامداش، دوختۇرخانا بالنىتس ئۆيلىرىنى قامداش قاتارلىق ھادىسىلەر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دېھقان – ئىشچىلار پارتىيىسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى تېڭ يۈفېڭ مۇنداق دېدى: مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېسىلغان خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى بەزى داۋالاش ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم يېزا – بازارلىق شىپاخانىلاردا داۋالاش تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرى بىلەن كېسەللەرنى تەكشۈرگەندە پايدا قوغلىشىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.
سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇنداق دەپ قارىدى: مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت خىزمىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش_ ھۆكۈمەتنىڭ جەمىئىيەت باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بۇرچىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇنى، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىلەشتۈرۈش قىيىن بولسا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ ساندىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئورگانلىرىنىڭ پاراۋانلىق خارەكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش قىيىن بولىدۇ. ۋاڭ شياۋمىڭ مۇنداق تەكىپ بەردى: مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئورگانلىرىغا سېلىنىدىغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، مەھەللە سەھىيە ئىشلىرىغا مالىيە جەھەتتىن يار – يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى تېزلىكتە تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سەھىيە تارماقلىرى شۇ جاينىڭ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئومۇمى پىلانى ۋە تۈپ ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىلغان مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئورگانلىرىنىڭ ھەممىىسنى، بولۇپمۇ شەخسلەر كۈتىرىگە ئالغان پايدا قوغلىشىدىغان مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئورگانلىرىنى ئېنىقلاپ، ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش بۇرچىنى ئادا قىلمىغانلارنى چەكلەش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەر ئۇيۇشتۇرغان مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئورگانلىرى جەمىئىيەتكە يۈزلىنىپ خېرىدار چاقىرىشى، ياخشىلىرىنى ئالدىن تاللاش چارىسىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
|