باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
كاپالەتلەندۈرۈش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى خەلقنى ھەقىقىي رازى قىلىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرايلى
2008- 09- 19 11:03 شىنجاڭ گېزىتى

    ئىككى يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقتىكىلەر ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئائىلە ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۆيى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي، ئەرزان – قۇلاي ئۆي، خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆيلىرى، ياردەم ئۆيلىرى، ياردەم پۇلىنى ئاساس قىلغان كۆپ قاتلاملىق تۇرالغۇ ئۆي بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بىراق بۇ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش جەريانىدا بەزى ئۆيلەردە سۈپەت مەسىلىسى كۆرۈلۈپ، كۆچۈپ كىرگەن كىشىلەرنى غەمگە سېلىپ، ‹‹ئەلرايى قۇرۇلۇشى››نىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تەسىر كۆرسەتتى، شۇڭا ئالاقىدار تارماقلار بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

    بۇ يىل چاغاندىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە كاپالەتلەندۈرۈش ئۆيىدىن بەھرىمەن بولغان، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىرەيلەن ئاتا – ئانىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ (شىمىگۇ) رايونىدىكى خەتەردىن قۇتقۇزۇش – ياردەم ئۆيىگە خۇشاللىق بىلەن كۆچۈپ كىرگەن بولسىمۇ، ئۆي ئىچىدىكى سۇ تۇرۇبىسى، سۇ، توك ۋېكلىيۇچاتىلى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردىن ھەمىشە چاتاق چىققان. بۇ كىشى كۆچۈپ كىرگىنىگە يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بۇ خەتەردىن قۇتقۇزۇش – ياردەم ئۆيلىرىگە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، سىملىق تېلېۋىزىيە، مۇقىم تېلېفون قاتارلىق ئەسلىھەلەر تېخىچە ئۇلانمىغان.
مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي، خەتەردىن قۇتقۇزۇش – ياردەم ئۆيلىرىگە بېرىپ زىيارەت قىلغاندا، بۇ خىل مەسىلىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، مەسىلەن: ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنىڭ يېرىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەۋرەز يوللىرىنىڭ راۋان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان.

    مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئىگىلىشىچە، يەنە قىسمەن كىشىلەر تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرگە كىرىۋېلىش ئۈچۈن ساختىپەزلىك قىلىپ، ئائىلە ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلغان، يەنە بەزىلەر تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنى قايتا ئىجارىگە بېرىۋەتكەن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل قىلمىشلارنى باشقۇرۇشى خېلىلا قىيىنلاشقان، بۇ مەسىلىمۇ ھەقىقەتەن ئۆي قىيىنچىلىقى تارتىۋاتقانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

    تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي، ئەرزان – قۇلاي ئۆي، خەتەردىن قۇتقۇزۇش – ياردەم ئۆيلىرى قاتارلىق كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۆي قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، شوڭا، ئالاقىدار تارماقلار كاپالەتلەندرۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغاندا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، مەسئولىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. مەسىلە بايقالغاندا ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تەجرىبىلەرنى ئۆزلۈكسىز يەكۈنلەپ، تۇرالغۇ ئۆي بىلەن كاپالەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ئەلرايى قۇرۇلۇشى››نى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەندۈرۈش ئۆيلىرى قۇرۇلۇشىنى خەلقنى ھەقىقىي رازى قىلىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ