باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى
2008- 09- 19 10:57 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن چۈشتىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەملىكەت بويىچە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى تەرتىپكە سېلىش قارار قىلىندى.

   يىغىندا مۇنداق قارالدى: ‹‹سەنلۇ›› ماركىلىق بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى سۈت مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ قالايمىقانلىقى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يوچۇق بارلىقى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ چىڭ تۇتۇلمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ساۋاقنى چوقۇم ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسى بىلەن، ۋەقەنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق قارار قىلىندى: بىرىنچى، مەركەزنىڭ يېقىنقى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىمارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋالاش، ھەقسىز داۋالاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ يېزا ۋە چەت، يىراق رايونلاردىكى مۇشۇ سەۋەبتىن كېسەل بولغان بوۋاقلارنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى بازاردىن قالدۇرۇپ، پېچەتلەپ ۋە كۆيدۈرۈۋېتىپ، قىلچىمۇ يوچۇق قالدۇرماسلىق كېرەك. ئۈچىنچى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى تەرتىپكە سېلىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكى ۋە بازار تەرتىپىنى تۈپتىن ياخشىلاش كېرەك. تۆتىنچى، سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى زاۋۇتقا خادىم ئەۋەتىپ، زاۋۇتتىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئىشلەپ چىقىرىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇن – نىزاملىرىنى تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئالتىنچى، ئىنەك باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارغا سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش، مەھسۇلات سۈپىتى ياخشى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى  يۈكسەلدۈرۈشىنى قوللاپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. يەتتىنچى، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قەتئىي جازالاش، مەسئۇلىيىتى بار كارخانا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مەمۇرىي مەسئۇل خادىمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، خەلققە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ