|
‹‹قارىشىمىزچە، ھەرخىل ياشتىكى مېيىپلەر مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، لېكىن ھازىر جۇڭگودا مېيىپلەرنىڭ تەربىيىلىنىش نىسبىتى يېتەرلىك ئەمەس، بىز بۇنى تونۇپ يەتتۇق››. يېقىندا جۇڭگو مېيىپلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن شيەندې بېيجىڭ مېيىپلەر ئو ت م باش ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: بۇنىڭدىن كېيىن ھۆكۈمىتىمىز سېلىنمىنى زورايتىپ، مېيىپلەرنىڭ تەربىيىلىنىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، دېدى.
ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلەت 600 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 190 ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى قۇردى؛ بۇنىڭدىن كېيىن مېيىپلەر ئالاھىدە مائارىپىدا مەبلەغ، ئادەم كۈچى ۋە ماددىي جەھەتتىكى سېلىنمىنى بارغانسېرى زورايتىدۇ.
ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى 1986 – يىلىدىكى 423تىن 1667گە، ئادەتتىكى مەكتەپلەرگە قاراشلىق ئالاھىدە مائارىپ سىنىپى 556دىن 678گە، ئوقۇغۇچى 47مىڭ 200دىن 413مىڭغا كۆپەيگەن. ئەما، گاس، ئەقلى كەمتۈك بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى%80.7كە يەتكەن. مەملىكەت بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىدىن 231ى بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مېيىپ ئوقۇغۇچى 14مىڭغا يېتىدىكەن؛ مەخسۇس مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي ئالاھىدە مائارىپ ئىنستىتۇتلىرى (كەسپىي سىنىپ)دىن 14ى بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 2400 ئەتراپىدا ئىكەن؛ يەنە 20مىڭ مېيىپ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋېتىپتۇ؛ دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن مېيىپلەرنىڭ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى%95 كە يەتكەن؛ مەملىكەت بويىچە مېيىپلەرنى كەسپىي تەربىيىدىن بەھرىمەن قىلىدىغان ئادەتتىكى مائارىپ ئورگانلىرى 2114كە يەتكەن. ھازىر 20گە يېقىن ئۆلكە(بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ئاپتونوم رايون) مېيىپ ستۇدېنتلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقىپتۇ.
سۈن شيەندې مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگودا مېيىپلەر مائارىپى ئىشلىرىدا ئاساس مائارىپ، كەسپىي مائارىپتىن ئالىي مائارىپ، چوڭلار مائارىپىغىچە ئالاھىدە مائارىپ سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
بىراق، ھەرخىل ياشتىكى 83 مىليون مېيىپ ئىچىدە تەربىيىلەنگەن مېيىپلەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىمەيدۇ. مەسىلەن: مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان مېيىپلەر 20مىڭغا يېتىدۇ. بۇ، مېيىپلەر ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
سۈن شيەندې بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: جۇڭگودا مېيىپلەر كۆپ، رايونلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ تەكشى ئەمەس. ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەت نۇرغۇن تەدبىر قوللانغان بولسىمۇ، ھازىر مېيىپلەرنىڭ تەربىيىلىنىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى ئەمەس؛ ھەرخىل ياشتىكى مېيىپلەرنىڭ تەربىيىلىنىش ئېھتىياجىنى پۈتۈنلەي قاندۇرۇشقا يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. مەسىلەن: كۆپ ساندىكى ئەما، گاس، ئەقلى كەمتۈك كىشىلەرگە ئالاھىدە مائارىپ ۋاسىتىسىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ، ئالاھىدە يېزىق، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، ئوقۇتقۇچى، ئىمتىھان قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان سىستېما قۇرۇلۇشىدۇر. ھۆكۈمەت بۇنى تونۇپ يېتىپ، مېيىپلەرنىڭ تەربىيىلىنىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|